پەخىردىن ئابلىز بوكىس كۇلۇبىنىڭ شان - شەرەپلىرى

    2005- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك « لىيەنتۇڭ لوڭقىسى » نى تالىشىش بوكىس مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى .
     2006- يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە ، ياش ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 2- ماھىر چىمپىيۇن ، 2 ماھىر ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى .
    2007- يىلى 7 - ئاينىڭ 28- كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكىس مۇسابىقىسىدە ، ياش ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 2 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى

پەخىردىن ئابلىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

Girlپەخردىن ئابلىز 1964 - يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ قەدىمىي مەھەللىرىدىن بولغان قازانچى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1972- يىلىدىن 1977 - يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ( مۇرات ) مەكتەپكە ئوقۇغان . 1977- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 7- ئوتتورا مەكتەپتە ئوقۇغان . گۆدەك چاغلىرىدىن باشلاپلا بوكىس كەسىپىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان . پەخىردىن ئابلىز ئوتتورا مەكتەپنى تاماملاپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغان . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا قەلبىگە بۈيۈك ئىستەكلەرنى پۈككەن بولۇپ ، ئۇ ھەممە مەكتىپىدىكى تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تولىمۇ قالاق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىش مۇھىتىنىڭ تەلەپتىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىدە « مەن چوڭ بولسام ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ پۇل تېپىپ يۇرتۇمغا ئۆلچەملىك ، مۇنتىزىم تەنتەربىيە مەكتىپى سېلىپ ، ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە ھەسسە قوشىمەن ...» دېگەن ئىرادىگە كېلىدۇ .

پەخىردىن ئابلىز بوكىس كولۇبىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

     غۇلجا شەھەر پەخىردىن ئابلىز بوكىس كۇلۇبى - خەلقئارا ئۆلچەمدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى بوكىس كۇلۇبى كۇلۇبنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 6 مو 1000m2 لىق چېنىقىش زالىغا ئىگە .
     زامانىۋىي چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ، ئۆلچەملىك بوكىس سەھنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، مۇنتىزىم تۈزۈمدىكى تەربىيلەش ئورنى . تەربىيلەشكە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقان يوقۇرى سەۋىيىلىك كەسپى مەشقاۋۇللار يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
     كولۇبنىڭ مۇھىتى ئازادە ، گۈزەل . ئاشخانا ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان . سىزنىڭ خاتىرجەم چېنىقىش ئېلىپ بېرىشىڭىزغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ .
     كولۇب ھازىرغىچە ھەر مىللەت ياشلىرىدىن 1000 نەپەردىن كۆپرەكنى تەربىيلەپ ، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى .
    كۇلۇبىمىز داۋاملىق ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر ، ناھىيە ، يېزىلىرىدىن تەنتەربيەگە قىزىقىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ .( يېشى ، جىنسى ، مىللىتى چەكلەنمەيدۇ) يولغا قويولغان ئاساسى كەسىپلەر : بوكىس ، ئەركىن مۇشتلىشىش .
     قوشۇمچە كەسىپلەر : بەدەن گۈزەللىگى
تەربىيلەش ۋاقتى:

چۈشتىن كىيىن (كەچ) چۈشتىن بۇرۇن تۈرلەر
4 - 6 گىچە 10-12 گىچە بوكىس
7 - 9 گىچە 9-11 گىچە ئەكىن مۇشتلىشىش

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى :  0999 - 8321523        پوچتا نومۇرى :835000
ئورنى :« ئىلى دەرياسى » يولى 15 - نومۇر « ئىلى دەرياسى » كۆۋرۈكىدىن 50 مېتىر بېرىسىدا 2،3،6،7،15- يول ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ئىلى دەرياسى بېكىتىدە چۈشۈڭ )