|
ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى "ئاتلان لوڭقىسى" ئىنگلىز تىلى نۇتۇق
مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 20- كۈنى (جۈمە) شىنجاڭ
ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت پائالىيەت
مەركىزىدە (مەركىزى مەكتەپ رايونى كۇلۇبى) غەلىبىلىك ھالدا
ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىنى ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئاتمىش
مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى،
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى.
مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى رەھبەرلىرى،
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى، ئاتلان تىل تەربىيىلەش
مەركىزىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ
مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىلىنا ئىلھام بىرىنچى دەرىجە
مۇكاپاتقا ئېرىشتى ۋە ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئۈچ مىڭ
يۈەن نەق پۇل ئوقۇش مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
|
|
 |
|
شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دىلشات ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
گۈلباھار ھوشۇر ئىككىنچى دەرىجە مۇكاپاتقا ئېرىشتى ۋە
ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بىر مىڭ بەش
يۈز يۈەن نەق پۇل ئوقۇش مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دىلنۇر ئەنۋەر، شىنجاڭ
مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چېن چېن ۋە لى يېڭ قاتارلىق ئۈچ
نەپەر ماھىر ئۈچىنچى دەرىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم
ھالدا ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بىر مىڭ يۈەن نەق پۇل
ئوقۇش مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئالتە نەپەر ماھىر ئەلا نەتىجە بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا
ئېرىشتى.
ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بۇنداق كۆپ مەبلەغ سىلپ بۇنىڭغا
ئوخشاش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى ئىنگلىز تىلى نۇتۇق
مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى شىنجاڭدىكى ئىنگلىز تىلى
ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ
ئىنگلىز تىلى مائارىپى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىن
ئىبارەت.
|