پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

 
 

 

 

ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى توغرىسىدا

 

  ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى 2001-يىلىدىن تارتىپ "MOSAIC" نامىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەرخىل سەۋىيەلىك ئىنگلىزچە كۇرۇسلارنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىنگلىزتىلى سەۋىيەسى، مول ئۇنىۋېرسال بىلىملىرى ۋە ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتودى بىلەن كەڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشى ۋە يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قاسىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا 2006- يىلى 9- ئايدا رەسمي قۇرۇلغان.

    قاسىمجان مۇئەللىم بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ كۆپ يىل ئىنگلىزتىلى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا توپلىغان مول تەجىرىبە-ساۋاقلىرى، بۇ جەرياندا تىل ئۈگەنگۈچىلەر دۇچ كەلگەن ھەرخىل مەسلىلەر ۋە بىزنىڭ تىل ئوقۇتۇشىمىزدىكى ھەرخىل يىتەرسىزلىكلەرنى ئانالىز قىلىپ، يەكۈنلىگەندىن كىيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق تىل تەربىيىلەش ئورگانلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلانلاش ۋە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق يەنئەن يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى سارىيىنىڭ 6- قەۋىتىدە زامانىۋى ۋە كۆركەم ئۇسلۇبتا بېزەلگەن، مۇھىتى ئازادە، ئىلغار كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى.

    ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ تەربىيىلىشى ۋە يىتەكچىلىكىدە شىنجاڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشكىللەنگەن. ئاتلاندىكى ئوقۇتقۇچىلار مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ھەرخىل ئىنگلىزتىلى مۇسابىقىلىرىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەجىربىلىك ۋە مۇنەۋۋەر ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار قاتمۇقات سىناقلار ئارقىلىق تاللانغان ۋە كۈچلۈك تەربىيىلەنگەن.

    ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە ئەلا سۈپەت، مول مەزمۇن ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدارلىقى بىلەن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان دەرسلىك ماتىرياللار قوللىنىش بىلەن بىرگە ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئىچكى ماتېرياللىرى ئىشلىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىزتىلىدىكى يېزىقچىلىق، سۆزلەش، ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرخىل ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نۇمۇر ئېلىشىغا ئاساس سېلىنىدۇ.

    ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئون نەچچە تىل تەربىيىلەش مەركەزلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. دوستلۇق مۇناسىۋىتى دائىرىسى ئىچىدە مەركەزلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، مەركىزىمىزنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇشتا ئۆلچەملىشىش ۋە كۆلەملىشىش قەدىمى تېخىمۇ تىزلىتىلىدۇ.

    ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ نىشانى يۇقىرى ئۈنۈم ۋە ئەلا سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە دىيارىمىزدىكى ئەڭ سۈپەتلىك،كۆلەملەشكەن، كۆپ خىل تىلدا تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان، شىنجاڭ خەلقى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان تىل تەربىيىلەش مەركىزى بولۇش، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ تېرىشىش ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى غوللۇق تىل تەربىيىلەش ئورگانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش.