مېھرىبان ئانىلارنىڭ ۋەكىلى رەيھان قاسىم بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت

 
2007-يىلى 5– ئاينىڭ 13 – كۈنى ( يەكشەنبە )چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 دا ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگودىكى ئون مەشھۇر ئانىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ، دىيارىمىزدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ ۋەكىلى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن دىيارىم تور بېكىتىدە سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى . بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى دىيارىم تور بېكىتى بىلەن شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گىزىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ سۆھبەتكە ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گىزىتىنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئۆسمۇر مۇخبىرلىرى ، مېھرىبان ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋەكىلى ۋە  جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى شۇنداقلا دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بولۇپ 300گە يىقىن مېھمان قاتناشتى .   مېھرىبان ئانىلار ۋە ئۆسمۈر مۇخبىرلار ئالدى بىلەن " دىيارىم پەن – تېخنىكا شىركىتى " نى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى ئاندىن دىيارىم شىركىتىدىكى دىيارىم تورىنىڭ ئىشلىنىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى كۆردى . دىيارىم شىركىتى خادىملىرى ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن مېھمانلارغا دىيارىم تورىنى تونۇشتۇردى ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى چۈشەندۈردى . مېھرىبان ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار دىيارىم شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38– ئوتتۇرا مەكتەپ زالىغا يېغىلىپ دىيارىم تورى ئاۋازلىق چايخانىسىدا نەخ مەيداندا سۆھبەت ئىلىپ باردى . سۆھبەتتە مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى رەيھان قاسىم خانىم مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئىلىپ بىرىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن دوكىلات بەردى . نەخ مەيداندىكى مېھمانلار ۋە دىيارىم ئاۋازلىق چايخانىسىدىكى تورداشلار پائالىيەتنى ئاڭلىدى ۋە مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا يۇقۇرى باھا بەردى .  پائالىيەت ئاخىرىدا دىيارىم پەن – تېخنىكا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى دىلشاد پەرھاد ئاتامان دىيارىم شىركىتى ۋە دىيارىم تور بېكىتى نامىدىن مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى رەيھان قاسىمغا 2000 يۈەن نەخ پۇل ئىئانە قىلدى ۋە مېھرىبان ئانىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ساخاۋەت ئىشلىرىنى دىيارىم شىركىتى ۋە دىيارىم تور بېكىتى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .  پائالىيەت شۇنداق ياخشى كەيپىيات ۋە تەسىراتلار بىلەن مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى . پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار بىردەك بۇ يىلقى ئانىلار بايرىمى ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتتى دەپ تەرىپلەشتى .   . پائالىيەت ئاخىردا دىيارىم شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار بىرلىكتە مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

 پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە :

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

 
 

دىيارىم  خاتىرلىرى

[  سۈرەتلەرنى باسسىڭىز سۈرەت چوڭىيىدۇ . چوڭايتىپ كۆرۈڭ !  ]

 
 
04
 
03
02
01
 
08
 
07
06
05
 
12
 
11
10
09
 
16
 
15
14
13
 
20
 
19
18
17
 
24
 
23
22
21
 
28
 
27
26
25
 
32
 
31
30
29
 
36
 
35
34
33
 
40
 
39
38
37
 
44
 
43
42
41
 
48
 
47
46
45
 
52
 
51
50
49
 
56
 
55
54
53
 
57
ھۆرمەتلىك تورداش ئەگەر سىز مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى قوللاش نىيتىدە بولسىڭىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە ئۆز كۆڭلىڭىزنى ۋە ياردىمىڭىزنى بىلدۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى  ھىسابات نومۇرى ئارقىلىق مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ  . دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر . ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇشسىز قىلىۋاتقان سەبىي گۈدەكلەرگە ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز مېھرىبان ئانىلار فوندى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەڭ . تۆۋەندىكى  ھىسابات نومۇرى ۋە ئادرىسىغا دېققەت قىلىڭ ! پۇل سالغاندا تالون ۋە كونۋېرت ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئادرىسنى يېزىڭ .
شىنجاڭ خەيرى – ساخاۋەت باش جەمئىيتى قارمىغىدىكى مېھرىبان ئانىلار ئوقۇش پۇلى ياردەم بېرىش ساخاۋەت جەمئىيتىگە
پوچتا نومۇرى : 830001   ھىسابات نومۇرى : 78588988091001  بۇ ھىسابات نومۇرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەيرى – ساخاۋەت باش جەمئىيتى مېھرىبان ئانىلارغا مەخسۇس ئىچىپ بەرگەن ھىسابات . شۇڭا پۇل سالغاندا چوقۇم " مېھرىبان ئانىلار ئوقۇش پۇلى ياردەم بىرىش جەمئىيتى " دېگەن سۆزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .

بەت لاھىيلىگۈچى : دىلشاد پەرھاد ئاتامان

版权所有 新疆地亚尔科技有限公司 www.diyarim.com 最佳分辨率 1024×768 服务热线: 0991-2727273 
Copyright © 2005-2007 www.diyarim.com Incorporated. All rights reserved.