|
2003- يىلى 2– ئاينىڭ 23 – كۈنى دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلدى . 2003- يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۈرۈمچى " نەزەر " تورخانىسىدا دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 ئايلىقى تەبرىكلەندى . 2004 – يىلى 1 – ئايدا دىيارىم تور بېكىتىنىڭ كۈنلۈك زىيارەت سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى . 2004– يىلى 2– ئاينىڭ 23– كۈنى دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ساپ ئۇيغۇر كونا يىزىقىدىكى ئۇنىۋېرسال بېتى ئېلان قىلىندى . 2004- يىلى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى " دىيارىم " ماركىسى دۆلەت سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە رويىخەتكە سۇنۇلدى . 2005 – يىلى 2– ئاينىڭ 23– كۈنى دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن " ئۈرۈمچى رۇڭدۇ مېھمانسارىيى" دا تۇنجى نۆۋەتلىك " دىيارىم تور مۇھاكىمە يېغىنى " ئۆتكۈزۈلدى ، پائالىيەتكە ھەر ساھە ئالىم ، مۇتەخسىس ، يازغۇچى ، شائىرلار ، جامائەت ئەرباپلىرى ۋە كومپىيوتېر ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ، تۆھپىكارلار ھەر ساھە كارخانىچىلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى . 2005– يىلى
2– ئاينىڭ 23– كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دىيارىم تور بېكىتىدىكى تورداشلار جەم
بولۇپ ئۈرۈمچىSOS خەلقئارا يېتىم بالىلار
كەنتىگە بېرىپ ئۇلارغا ئۆز ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى ھەم ئاتا – ئانىسى يوق
يېتىم – يېسىر بالىلاردىن ھال سورىدى . تورداشلار ئۆزلىرى ئېئانە
قىلغان 2000 يۈەن پۇلنى يېتىم بالىلارنىڭ مەسئۇلىغا تاپشۇردى . 2007 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23– كۈنى " شىنجاڭ دىيارىم پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رەسمىي قانۇنلۇق ھالدا شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇپ دىيارىمىزدىكى پەن – تېخنىكا ، تور ۋە ئۇچۇر مۇلاھىمىتى ، شۇنداقلا ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنتىزىم ھەم كەسىپلەشكەن شىركەت بولۇپ شەكىللەندى . 2007– يىلى 5 – ئايدا دىيارىم تور بېكىتى جۇڭگو ئىنتېرنىت ئۇچۇر مەركىزى ۋە دۇنياغا داڭلىق تور بېكىتى " گوگىل " شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگودىكى تەسىر كۈچى زور 300 تور بېكەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تاللانغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بېكەت بولۇپ باھالىنىپ دىيارىم تورىنىڭ مەسئۇلى تور قۇرغۇچىسى دىلشاد ئاتامان تەكلىپ بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ بۇ كاتتا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى . 2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى دىيارىم تور بېكىتى " جۇڭگو ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىگى ۋە شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تىلگىراف ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىغا ئىرىشتى . 2008– يىلى 2– ئاينىڭ 23 –كۈنى دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى تەبرىكلەندى . دىيارىم تورى 5 ياشقا كىرگەن خاتىرە كۈندە دىيارىم تور بېكىتىنىڭ كۈنلۈك زىيارەت سانى 300 مىڭ ئادەم قىتىمغا يەتتى . 2008– يىلى 3– ئاينىڭ 7 –كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە دىيارىم شىركىتىدە يازغۇچى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . 2008- يىلى 4– ئاينىڭ 3– كۈنى ( چارشەنبە ) زاھىر بورھان ئەپەندى بىلەن دىيارىم تورىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . 2008- يىلى 4– ئاينىڭ 17 – كۈنى دىيارىم مۇنبىرى يېڭىلىنىپ PHPwind 6.0 نەشىرىگە كۆتۈرۈلدى . 2008- يىلى 5– ئاينىڭ 16 – كۈنى دىيارىم ناخشا – مۇزىكا ئارامگاھى يېڭىلىنىپ Aramgah2.0 نەشىرىگە كۆتۈرۈلدى . 2008- يىلى 7– ئاينىڭ 12– كۈنى كۆزگە كۆرۈنگەن كومپازىتور ۋە ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . 2008- يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى دىيارىم مۇنبىرى يېڭىلىنىپ PHPwind v6.3.2 نەشىرىگە كۆتۈرۈلدى . 2008- يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى ياش يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن بىلەن دىيارىم تورىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . 2008- يىلى 10– ئاينىڭ 23– كۈنى دىيارىم باش بېتى ئومۇمىي يۈزلۈك يېڭىلىنىپ DY4.0 نەشىرىگە يېڭىلاندى .
|
شىنجاڭ دىيارىم پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى















