
دىيارىم تور بېكىتى2003-يىلى 2-ئاينىڭ23-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قۇرغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دەسلەپكى تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەتلا بىر ئاۋازلىق چايخانا ۋە بىر قانچە تارماق سەھىپىسىلا بار ئاددىغىنە تور بەت بولۇپ قۇرۇلۇپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دىيارىم تورىنى زىيارەت قىلغۇچى تور ئابونتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى ۋە دىيارىمنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ دىيارىم تورى كۈنسىرى مۇكەممەللەشتى ۋە تەرەققىي قىلدى . دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىغا 5 يىل بولغان مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دىيارىم تورى كەڭ تور زىيارەتچىلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ماس ھالدا تۈرلۈك سەھىپىلىرى تولۇق ، مۇنازىرە ، كۆڭۈل ئېچىش ، ئەدەبىيات ، مەدەنىيەت ، ئۆرپ – ئادەت ۋە تارىخ ، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە 12 مۇقامى ، تۈرلۈك خەۋەرلەر ۋە قىززىق نوقتىلار شۇنىڭدەك بىر قەدەر سەھىپىلىرى تولۇق تور بېكەتكە ئايلاندى . نۆۋەتتە دىيارىم تورىنىڭ ھەر كۈنلىك زىيارەت قېتىم سانى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى زىيارەت سانى ۋە كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ ئىجتىمائىي ۋە ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور بىر قەدەر كەسىپلەشكەن ۋە مۇنتىزىم خىزمەت شارائىتىغا ئىگە كوللىكتىپ توپقا ئايلاندى . دىيارىم تورى ئۆزىنىڭ كۈنسىرى زورىيىشى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاش ۋە خەلقىمىزنىڭ توردىكى زىيارىتىگە تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە 2007– يىلى 4– ئاينىڭ 23– كۈنى شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇپ " شىنجاڭ دىيارىم پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى " نىڭ ۋېۋېسكىسىنى ئاستى .


" شىنجاڭ دىيارىم پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى " 2007– يىلى 4– ئاينىڭ 23– كۈنى رەسمىي قانۇنلۇق ھالدا شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇپ دىيارىمىزدىكى پەن – تېخنىكا ، تور ۋە ئۇچۇر مۇلاھىمىتى ، شۇنداقلا ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنتىزىم ھەم كەسىپلەشكەن شىركەت بولۇپ شەكىللەندى . ( دىيارىم شىركىتىنىڭ ئەمەلىي تىزىملاتقان مەبلىغى 1 مىليۇن يۈەن خەلق پۇلى ) بولۇپ رايۇنىمىزدىكى مەخسۇس تور تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى شىركەت ھىساپلىنىدۇ . دىيارىم شىركىتى جەمئىيتىمىزدىكى قابىل ، زېھنى ئۆتكۈر ، تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي ئۈمىدۋار ، ئىرادىلىك ياشلارنى ئۆز ئەتراپىغا يېغىپ دىيارىمىزنىڭ ئېنتىرنىت ۋە تور ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم ئىزدىنىدۇ . دىيارىم شىركىتى ئۇيغۇر ئېنتىرنىت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەمەلىي كۈچ قوشۇش ۋە ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئازادە خىزمەت مۇھىتىنى ھازىرلاپ قابىل ياشلارنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ رايۇنىمىزنىڭ شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋىردىكى تور تەرەققىياتى ۋە پەن – تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە . دىيارىم شىركىتى ھەر ۋاقىت جەمئىيتىمىزدىكى قابىل ھەم غايىلىك ياشلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئەڭ ياخشى خىزمەت شارائىتى ۋە خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .















